Mc-5 "dialog" lyrics

. . . . . .

. . . . . .

yeah c'mon

يەر ئاستى يولىدا دوستۇم يۆلەۋاتىدۇ

سورۇندا يۈز بەرگەن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ

ئىككى سولتەك سىڭلىسىدەك قىزغا ھاراق زورلاۋاتىدۇ

يۈرۈكۈم ئىيچىشىپ قولۇم قىچىشىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم

ئاداش سەن كۆپ ئىچىۋاپسەن ئۇ قىزغا بۇ كەچتە نىمە بار

سەن ئۇ قىز تەرەپتە تۇرغان بىلەن ئۇ قىز كۆڭلىدە كىم بار

ئويلاپ باقتىڭمۇ ھازىرقى جەمىئەت سەن ئويلىغاندەك ئەمەس

ھىجايمىغىچە دىڭگايمايدۇ ئۇ قىز قوزغىلى ھەۋەس

ئۇيغۇر قىزى مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۈگۈشۈپ كىتەمدۇ

ئۇ قىز بۇرۇن قانداق چۇشەنمەيمەن كۆرمىگەن

بىراق مەندىكى ئاكېلىق غورۇر بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇ

yoo بۇرادەر سەندىكى ۋىجدان ئەلۋەتتە مەندىمۇ بار

سەن بۇنى دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسەن

دۆتلۈك قىلما ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ

مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن ھەم قىلدىم

ئارېمىزدىن چىققان خۇمسى گۇيلارنى كۆرگەندە يىڭەمنى تۈردۈم

ئۇلار كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى

ئۇلار چۈشكۈنلەشسە قىنى بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەتېسى

ئجەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ

ئدىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن

ئجەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ

ئاداش ھازىر ئاق تاماكا چېكىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ

مەھەللىمىزدىكى ئاشۇنى تونۇيسەنغۇ ئۇ چېكىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ

بولدى قىلە ئاداش بۇنداقلارغا ياخشىسى ئىچىڭنى ئاغرىتما

ئۇلاردا غورۇر ياكى ۋىجدان دىگەندىن ئەسەر بارمۇ

ئۇنداق ياشىغاندىن بالدۇراق ئۆلگىنى ياخشى

ئادەمدەك گەپ قىلە بۇرادەر ئۇلارمۇ بەلكىم ئازغاندۇ

بەلكىم ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ چەككەندۇ

ئادەمنىڭ دوستى بار ھەم ئەلۋەتتە دۈشمىنى

بەلكىم ئاشۇ دۈشمەنلىرى ئۇنى قەستلەپ قويغاندۇ

مىڭ قەستلىسىمۇ بىلمەمدىكەن ئاق تاماكىنىڭ زەھەرلىكىنى

ئاق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئەزرائىل بىلەن يىقىنلىقىنى

ئۇلار ھاياتىنى قەدىرلىمىسە سېنىڭ نىمە ئىشىڭ

سەن ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ ئەكسىچە يىرىلىدۇ بېشىڭ

بەلكىم بېشىم يىرىلار بىراق كۆڭۈل بۆلمىسەك بولامدۇ

ھەممىسىنى بىر تاياقتا تەڭ ھەيدىسەك بۇ سېنىڭچە قاملىشامدۇ

ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولسا بىز ئىشەنچنى بېرەيلى

ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىر قىتىم ئىكەنلىكىنى بىز ئۇلارغا بىلدۈرەيلى

جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ

دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن

جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ

قىمار بىر كۈنى خان قىلسا ھامان بىر كۈنى خار قىلىدۇ

قەرزدار قەرز سۈيلەپ پۇل ئالغۇچە خارلانسا

پۇل ئالغۇچە قەرزدارنى مىڭ قاخشىتىپ زار قىلىدۇ

شۇنى دىگىنە ۋە سەن قىمار ئوينامسەن

توۋا دېگىنە قەتئى يىقىن كەلمە ئۇ نىجىس نەرىسىگە

ئەتراپىمىزدىكى بەزى بۇرادەرلەر قىمارخانىغا يۈگرەيدۇ

پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئەتراپىدىن يا كىتەلمەيدۇ

بىىساتىنى ئۇتتۇرۇپ قانمايدۇ يا ئۈمۈدىنى ئۈزمەيدۇ

مەسئۇلىيەتسىز قىمارۋاز خوتۇنىنى ئۇتتۇرىۋىتىشتىن يانمايدۇ

قىمار دەپ ئاتىلىپتىكەن قىما دىگەننى قىلىۋاتىمىز

ئائىلىلەرنىڭ ئىللىق كەيپىياتىنى قىمار ئويناپ بۇزىۋاتىمىز

شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىز قارا پاتقاققا پېتىۋاتىمىز

بىز قىمارنى ئويناۋاتامدۇق قىمار بىزنى ئويناۋاتامدۇ

جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ

دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن

جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ

0 Questions

Ask a Question

Your email address will not be published.

captcha